باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز ئۆلكە شەھەردە ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىكى ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلدى

2014.11.25 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي شەھەرلىك ئېنرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىك جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، بېيجىڭ شەھىرى، گۈيجۇ ئۆلكىسى، نەنجىڭ شەھىرى، خاڭجۇ شەھىرى، خېفېي شەھىرى، شىئەن شەھىرى، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىك جەمئىيەتلىرى ياكى مۇلازىمەت مەركىزى قاتناشقان سەككىز ئۆلكىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىك ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «سەككىز ئۆلكىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىك كەسىپىنىڭ رامكا ھەمكارلىق كېلىشىمى» ماقۇللاندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئېنرگىيە تېجەش مۇلازىمىتى كارخانىسى «چەتئەلگە يۈزلىنىش» تەرەققىياتى داۋامىدا«يېڭى يەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشماسلىق» تەك قېيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ، يەرلىكنىڭ سىياسىتىنى، قانۇن بەلگىلىمىسىنى، پىلانىنى، ئۆلچىمىنى، مۇھىتىنى چۈشەنمەي، تۈر سۆھبىتى، خېرىدار چاقىرىپ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، توختاملىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى مۇكاپاتلاش ئىلتىماسى، پۇل جۇغلاش قەرز ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا يولۇقتى، بۇ مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىش ئۈچۈن قايسى تارماقنى ئىزدەپ ماسلاشتۇرۇشنى بىلەلمىدى.

  ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئېنرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆلكىلەر ئارا ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىك ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇشىنى بىرلىكتە كېڭىشىش ئىنتايىن زۆرۈر، نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە- ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچ قۇۋۋىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ ئۆلكىلەر ئارا ھەمكارلىق سەھنىسىنى ئورنىتىش، ماس ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ئىشىنىپ ئورتاق غەلبىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇب شىمال دەپ ئايرىمايدىغان ئۆلكىلەر ئارا ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىكى ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورنىتىپ، ئۆلكە ئاتلىغان ئېنىرگىيە تېجەش مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىياتى تۈرلىرىنى كېڭىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر