- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە ئەڭ تېز دېگەندە 12-ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدىكەن
2014.11.25 14:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئۈرۈمچى ـ قومۇل بۆلىكىدە قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، كۆپچىلىك پۈتۈن لىنىيەنىڭ ئېچىلىشىغا تەقەززا بولدى. نۇرغۇنلىغان تورداشلار لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى 10-دىكابىر پۈتۈن مەملىكەتلىك تۆمۈر يوللاردا يېڭى يۈرۈش لىنىيەسى يولغا قۇيۇلغاندا باشلىنىدۇ دەپ پەرەز قىلدى. مۇخبىرنىڭ كۆپ تەرەپلىك زىيارىتىدىن ئىگىلىشىچە، لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 12-ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە گەنسۇ ۋە چىڭخەيدىن ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدىن پەقەتلا لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بولغانلىقتىن، تورداشلارنىڭ بەيدۇ تورىدىكى پەرەزلىرىدىن قارىغاندا لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە 10-دىكابىر يېڭى يۈرۈش لىنىيەسى باشلانغاندا ئېچىۋېتىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر