باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى باھالاش سىستېمىسى ئورناتتى

2014.11.25 14:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: بۇنىڭدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلەپ كەتسە، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى نەتىجىسى لاياقەتسىز باھالىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 19 – نويابىر تارقاتقان ‹‹2014 – يىللىق <ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى باھالاش چارىسى> قاتارلىق ئۈچ چارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› (تۆۋەندە ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دېيىلدى) تا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىق ئەھۋالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە يەرلىكنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچىشىنى قوللاش، جايلارنىڭ ئەھۋالنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە باھالاش، ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق ھالقىلاردا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى باھالاش خىزمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەش نەتىجىسى ۋە باھالاش دەرىجىسىنى ئۆلچەملىك خاتىرىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەش ئەھۋالىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسى ياكى ساپا دوكلاتىغا كىرگۈزۈشى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ۋە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى ۋە مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەش ئەھۋالى يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋە ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى باھالىشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، جايلار ئاغرىق ياكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەشنى كېچىكتۈرۈش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ يولغا قويىدىكەن.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى باھالاش نەتىجىسىنىڭ لاياقەتسىز بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە كۈندە بىر سائەت تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمىغانلار؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنى يېتەرلىك تەسىس قىلمغانلار؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر؛ تەلەپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەملىك تەكشۈرمىگەن ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرىغا ئەينەن يوللىمىغانلار؛ باھالاشتا ساختىلىق قىلغانلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر