باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر زۇڭتۇڭى سەيسى بىلەن زۇڭلىسى ئىبراھىم ماخلايبۇ مىڭ جىيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى

2014.11.25 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر زۇڭتۇڭى سەيسى بىلەن زۇڭلىسى ئىبراھىم ماخلايبۇ 22-نويابىر قاھىرەدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مىڭ جىيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  مىڭ جىيەنجۇ جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى ھەمدە جۇڭگونىڭ مىسىر بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بىلەن ئۆز رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سەيسى بىلەن ئىبراھىم ماخلايبۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىمەكتە، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ، مىسىر ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، مىسىر تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارشى ئالىدۇ، مىسىر بىلەن جۇڭگو قانۇننى ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر