- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىران ۋەكىلى: يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئۇزارتىلىشى مۇمكىن
2014.11.25 14:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر ۋەكىلى 23-نويابىر، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئەسلىدىكى مۇددەتتە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى، سۆھبەتنىڭ ئۇزارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ سۆھبەت ۋەكىلى مۇنداق دېدى: ۋاقىتنىڭ چەكلىك بولغانلىقىنى ئويلىشىپ، كۆپلىگەن تەپسىلاتلار تېخىمۇ بېكىتىلمىدى. 24-نويابىردىن ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن بولمىدى. بۇ سۆھبەت ۋەكىلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت 18-نويابىر باشلانغان، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمايدىغان بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەر ۋېنا سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر