- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگونىڭ لىبېرىيەگە ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن داۋالاش مەركىزى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
2014.11.26 15:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ھۆكۈمىتى لىبېرىيەگە ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئېبولا يۇقۇمىغا دىئاگنوز مەركىزى تۈنۈگۈن پايتەخت مونروۋىيەدە رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. زور كۆپ قىسىم ماددىي ئەشيا، جابدۇق قاتارلىقلار جۇڭگودىن توشۇلدى، بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا يۈز كارىۋاتلىق زامانىۋى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پۈتتۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ سۈرئىتى، جۇڭگوچە ئۆلچەم تولۇق نامايان قىلىندى. لىبېرىيە زۇڭتۇڭى جون سېررىف تۈنۈگۈنكى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خالىس ياردىمىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ داۋالاش مەركىزى لىبېرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنىڭ شاھىدى، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ھەمكارلىشىشىنى كۈتمەكتىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر