- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا يۈرگۈزگەن قىسمەن جازانى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى
2014.11.26 15:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا كېڭىشى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىرانغا يۈرگۈزگەن قىسمەن جازا تەدبىرلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 30-ئىيۇنغىچە بولىدۇ. ياۋروپا كېڭىشى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسەن، بۇ قارار ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران يېقىندا «ئورتاق ھەرىكەت پىلانى»نىڭ مەزمۇنىنى كېلەر يىلى ئىيۇنغىچە ئۈنۈملۈك ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە جازانىڭ بىر قىسمى كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتىنچە توختىتىلغان جازا تەدبىرىدە ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتىغا ئالاقىدار تىجارىتىنى سۇغۇرتا ۋە ترانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر