باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رىقابەت پىروگراممىسىدا ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى

2014.11.26 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى تۈنۈگۈن پارلامېنت ئاۋام پالاتاسى سايلىمىنىڭ رىقابەت پىروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش نىشانىدا قەتئىي چىڭ تۇردى ھەمدە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇن تەييارلىقىنى ياخشى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىنادا تومومى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رىقابەت پىروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. پروگراممىدا «ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىردىن بىر چىقىش يول» دېگەن شوئار يېزىلغان بولۇپ: ئابى شىنزو ئىقتىسادشۇناسلىقى ھەمدە ئالاقىدار ئىقتىسادى سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى قايتىدىن جاللاندۇرىمىز ۋە مالىيەنى قايتىدىن بەرپا قىلىمىز دېيىلدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رىقابەت پىروگراممىسىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى نىشان قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشكەن ئەھۋالدا پارلامېنتقا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تاپشۇرىدىغانلىقى ھەمدە پۇقرالار ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش بىلدۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر