- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇكرائىنا خەلقئارا جەمئىيەتتىن رۇسىيەگە يەنىمۇ بېسىم ئىشلىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.11.26 15:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پېيلېبىنىس تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنى توپقا تۇتۇشى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى دەپ ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل قىلمىشنى ئەيىبلىشىنى ھەمدە رۇسىيەگە يەنىمۇ بېسىم ئىشلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. پېيلېبىنىس شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 20-نويابىر رۇسىيە چېگراسىدىن ئۇكرائىنا زېمىنىغا توپ ئېتىش مىنىسكى كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئىش، بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇق ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق. ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىپ، توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئىش تېرىغۇچىنى جازالاپ، ئۇكرائىنا زېمىنىدىن قورال كۈچلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر