باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزې ئوبلاستىنىڭ كاڭدىڭ ناھىيەسىدىكى 6.3 بال يەر تەۋرەش ھەققىدە يوليورۇق بەردى

2014.11.24 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزې ئوبلاستىنىڭ كاڭدىڭ ناھىيەسىدىكى 6.3 بال يەر تەۋرەش ھەققىدە يوليورۇق بەردى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۆلۈم-يېتىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

  لى كېچياڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يوليورۇق بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى؛ 22-چېسلا سائەت 16 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزې زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كاڭدىڭ ناھىيەسى تەۋەسى (شىمالىي كەڭلىك 30.3، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 101.7 گىرادۇس) دە 6.3 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 18 كېلومېتىرغا يەتتى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 23-چېسلا سائەت 22 گىچە 5 ئادەم ئۆلۈپ، 54 ئادەم يارىلانغان، 79 مىڭ 500 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 2600دىن ئارتۇق ئۆي ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 23 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي يېنىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، فىجىدا زىيارەت قىلىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىچۈن ئۆلكىسى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تېزلىكتە كۈچ تەشكىللەپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۆلۈم-يېتىمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشى لازىم. ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر پائال ماسلىشىپ، يەرلىكنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر