ئۈرۈمچىدە 25 -نويابىر كۈندۈزدىن باشلاپ ھاۋا ئۆزگىرىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. مۆلچەرلىنشىچە، 26 - نويابىر ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15- ئەتىراپىدا بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 25 -نويابىر كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۇەن - كۆكتاغ رايونى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە يۇقارقى تاغ (نەنشەن)نىڭ تاغلىق رايونىدا قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن. قىسمەن رايونلاردا 6~5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. ھەپتە ئاخىرىغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدىكەن.
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. 24-نويابىردىن 26 -نويابىرغىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرى تېغىنىڭ تاغلىق رايونى، ئاقسۇنىڭ شىمالىي، بايىنغۇلىننىڭ شىمالىي، تۇرپان-پىچان-تۇقسۇن ئويمانلىقى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇرھال قار ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغىنى بويلىغان رايونلىرى، تەڭرى تېغىنىڭ تاغلىق رايونىدا قاتتىق ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن.
25 - نويابىر كېچىدىن 26 - نويابىرغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.