باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يەر شارىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى مۇراجەت قىلدى

2014.11.25 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئوزۇقلۇق يىغىنى يېقىندا ئىتالىيەنىڭ رىمدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سىياسىي ۋەدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتە بولغان ئوزۇقلۇق مەسىلىسى رىم خىتابنامىسى بىلەن تېخنىكىنى يولغا قويۇش كۆرسەتمىسى ھەرىكەت رامكىسى ماقۇللاندى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئالدىنقى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى بېكىتىش ھەمدە جانلىق سىياسەت رامكىسىدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان زور ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىدىن ئىبارەت. ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يىغىندا، ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بەش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر