باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇش مۇنبىرى يېپىلدى

2014.11.25 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ كۈن داۋاملاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇش مۇنبىرى» 23-نويابىر كەچتە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيادا يېپىلدى. بۇ قېتىمقى مۈنبەر «جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇش يېڭى ئەسىرىنى باشلايلى» دېگەننى باش تېما قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن كارخانا ساھەسى ۋە ئىلمىي ساھەسىدىكى 300 گە يېقىن كىشىنى جەلپ قىلدى، 16 قارالما ئىچىدە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يەر شارىلاشقان تەرەققىياتى مۇزاكىرە قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز چەتئەلگە يۈزلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەسىرىدە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئۆزلۈكسىز ئاشتى. 2013-يىلى جۇڭگونىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 107 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بۇ يىل جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارالىشىشتىكى مۇھىم يىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر