باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز خەلقئارا باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇش ھەركىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتناشتى

2014.11.25 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ رەھبەرلەر باياناتىغا ئاساسەن، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ باجدىن قېچىش قىلمىشىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ جۇڭگوغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، خەلقئارا باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ باجدىن قېچىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى خەلقئارا باج مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىياۋ تىجۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىدىكى پايدىسىنىڭ ئاز دېگەندە %50تىن كۆپرەكى خەلقئارا سودىغا چېتىشلىق دۆلەت ھالقىغان كاپتالنىڭ يۆتكىلىشى كۈنسېرى قولايلىق بولماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە «باجدىن قېچىش جەننىتى» قاتارلىق تۆۋەن باج نىسبىتى، نول باج نىسبىتىنىڭ مەۋجۈت بولۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر چېگرا ھالقىپ پايدا يۆتكەش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن باجدىن قاچماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىشىپ ھازىرقى خەلقئارا باج يىغىش قائىدىسى سسستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ رەھبەرلەر ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، چېگرا ھالقىپ باجدىن قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 100گە يېقىن دۆلەت ۋە رايون باراۋەر ئاساستا پۇل-مۇئامىلە ھىساۋاتىدىن باج ئېلىش ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمىنى يولغا قويدى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، دۆلەتلەر ئارا باج ئېلىش ئاخباراتلىرىنى ئالماشتۇرۇشى- باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى بىر ئۈنۈملۈك ۋاستە ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر