باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى

2014.11.25 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   59 ئەسەر تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-نويابىر، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى شىنجاڭ سەنئەت تىياتىرخانىسىنىڭ دراما ئۆمىكى مەيدانىدا باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالاقىدار يەككە تۈرلۈك مۇكاپاتمۇ تەسس قىلىنىدىكەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى ئىككى كۈن بولۇپ، ئالدى بىلەن تاق، قوش، ئۈچ كىشىلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، 2-كۈنى كوللىكتىپ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە 200دىن ئارتۇق ئەسەر قايتا قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 59 ئەسەر تاللىنىدىكەن، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئوبلاست ناھىيەلىرى، سەنئەت مەكتىپى، بىڭتۇەن، ساقچى ـ ئوفىتسېرلار سىستېمسىدىن كەلگەن 700دىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر