باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىدا مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2014.11.25 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش زامانىۋى دۆلەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى، بۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىلەن ، ھەر بىر كىشىنىڭ جانى- جان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئومۇمىي نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش مۇھىم قوللانما ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلەندى. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز ۋە ئالاقىدار تارماقلار تىنچ جۇڭگو قۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قىلىش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ بىر قاتار ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئەمگەك ئارقىلىق تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى، يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان ئەمگەك ئارقىلىق تەربىيەلەش تۈزۈمى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرۈلدى؛ قانۇنغا، ئەرزگە چېتىلىدىغان ئىشلار ئادەتتىكى ئەرز تۈزۈلمىسىدىن ئايرىۋېتىلدى، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى؛ ئەدلىيە ئادىللىقى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەدلىيە ھوقۇقى قۇياش نۇرى ئاستىدا يۈرگۈزۈلىدىغان بولدى؛ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ خاتا دېلولارنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتى؛ ئەدلىيە خادىملىرىنى تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇش، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يادرو قىلغان ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، شەھەردە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنى ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقتىن بەھرىمەن قىلىش قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى نىشان ۋە ئېنىق تەلەپكە ئايلاندى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىياسىي قانۇن بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خېڭشەن مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش- بەشنى بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئېغىر ۋەزىپە، بۇ ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت يەنە ئېكولوگىيە قاتارلىق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنغاندىلا ئاندىن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ خۇڭچاڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك، ئوخشاشلا بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرى جۇڭگونىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىش مۇساپىسى شۇنداقلا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرەققىيات مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش روناق تاپسا دۆلەت ئاسايىشلىق، مىللەت بەختلىك بولىدۇ.

  ئىشىنىمىزكى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش جەمئىيىتىمىزدىكى بۇ بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھاتتا ھەم ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ ھەم تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر