باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېررى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بىر قىسىم ئېغىر ئىختىلاپ ساقلانماقتا

2014.11.24 23:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 22-نويابىر ۋېنادا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەلتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ-ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەتتە يەنىلا بىر قىسىم ئېغىر ئىختىلاپ ساقلاندى.

  بۇنى كېررى شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىتەيىنمىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا دېدى. كېررى مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقلىشىش ۋە ماسلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك، كۆپلىگەن كىشىلەر مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا.شىتەيىنمىل مۇنداق دېدى: ئىران توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلەشكە تەييارلىق كۆردىمۇ يوق، يادرو قوراللىرىنى ياساشقا ئالاقىدار بارلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كەچتىمۇ يوق، بۇ يەنىلا بىر مەسىلە بولماقتا، بۇ كەلگۈسىدە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر