باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر


جۇڭگو تېخنىكا جەھەتتە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى

2014.11.24 23:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فېيجىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھەمدە تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەتلەرگە بولغان تېخنىكا جەھەتتىكى ياردەم ۋە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو 1975-يىلىدىن بۇيان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە ئىقتىساد، تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بېرىپ كەلگەن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 100 گە يېقىن سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇش قاتارلىق تۈرلەرنى قۇرغان،يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش، تەنتەربىيە قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئەسلىھە ۋە ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، بۇ دۆلەتلەرگە 4000 دىن ئارتۇق باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا ئىقتىساس ئىگىسىنى تەربىيەلەپ بەرگەن، ئالاقىدار ياردەم بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىجابىي تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى ياردەم مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئامالىنىڭ بارىچە دائىرىدە تاشقى ياردەم كۆلىمىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر