باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ سۆزى بىردەك ئەمەس(2)

2014.10.20 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىت بولۇشتىن ئەنسىرىدى. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرتلارنىڭ مۇستەقىل بۇلۇش خاھىشىنى بارغانچە روشەنلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇلار مۇستەقىل بولغان ھامان تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى كۇرتلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شاۋشيەن مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بەرسە، بۇندىن كېيىن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە ئەسلىھە ۋە زۆرۈر كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلۇشقا كۆندۈرۈشكە ئالدىرىشىدا ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتى بار.

  سۇرىيە چېگراسى خەتەرلىك بولۇپ قالدى، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولىۋاتىدۇ. يەر يۈزى ئۇرۇشى كۈن تەرتىپكە قويۇلمىدى.

  جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە ئاممىۋىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لى چۈنيىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۇرۇش پاتقىقىغا كىرىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. جۇغراپىيەلىك ئەھۋالنى ئويلاشقاندا، تۈركىيە سۇرىيە ۋە ئىراقنىڭ قوشنىسى، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم. شۇڭا ئامېرىكا تۈركىيەگە بېسىم ئىشلەتمەكتە.

  ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئامېرىكىنىڭ ئىراق مەسىلىسىدە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدۇرۇشقا ئالدىرىماقتا.

  ئۇ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم، ئۆزلىرىدە كۇرتلار مەسىلىسى بولغاچقا ئىتتىپاقداشلىرىغا ئوخشاش ئاسان ئۆزىنى تارتالمايدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ئۈنۈملۈك زەربە بەرمەكچى بولسا تۈركىيەنى ئىتتىپاققا تارتىشى كېرەك.

  ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇشۇنداق ئاغزاكى ئۇيون ئوينىشى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە پايدىسىز.

  ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇشتىكى بىردىن بىر چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدا مەجبۇرلاش، جەلپ قىلىش ئامىللىرى بار. ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ زىددىيەتلەر كۆپ، ئىتتىپاقتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش شەكلى، ئۇسۇلى ھەمدە سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپمۇ ناھايىتى چوڭ.

  تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى باشار ھاكىمىيىتىنىڭ زىددىيىتى چوڭ. ئەگەر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلىپ، باشار ھاكىمىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنسە، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا تۈركىيە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتماقتا.

  ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئىرادىسى كۈچلۈك. ئۇلار باشقا دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى پايدا ئېلىشنى ئويلاشماقتا. بۇ نۇقتىنى ئىتتىپاقتىكى دۆلەتلەر جۈملىدىن تۈركىيە ئوبدان بىلىدۇ. لى ۋېي مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق پوزىتىسىيەسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشكە پايدىسىز، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر