باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ موسكۋادىن ئايرىلىپ ئىتالىيەگە بولغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

2014.10.15 15:20   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن موسكۋادىكى كرېملسارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالامى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، بىر-بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشمەكتە. جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى 19 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭىلا ئاخىرلاشقان ئۇچرىشىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ۋۇ لېجۈن، چېن شياۋۋېي، شيې ياخۇڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز