- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىدە تۆت مىليارد يۈز مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى
2014.10.17 14:33 مەنبە: خەلق تورى
«دۆلەت بايرىمى» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ بازىرىدا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 5–نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ، سەككىز كۈنلۈك سودا يەرمەنكىسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەق مەيداندا سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليون 260 مىڭ يۈەنگە يەتكەن ، 80 دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ، پىششىقىلاپ ئىشلەش كارخانىسى ۋە سېتىش سودىگەرلىرى مال سېتىش-سېتىۋېلىش ۋە ۋاكالەت توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى يەنە بېيجىڭ شىەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى 900 غا يېقىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىگىرى ، توپ سېتىش بازىرىنىڭ مەسئۇل خادىمىنى مەسلىھەت سوراش ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرىنى كېڭىشىشكە جەلپ قىلغان ، نەق مەيداندا كېلىپ مال سېتىۋالغۇچىلاردىن 80 مىڭ (ئادەم / قېتىم) غا يېقىن كۈتۈۋېلىنغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىككى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بېيجىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە تىجارەت باشلاپ ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىمالىي جۇڭگو بازىرىغا كىڭىيىشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر