باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش خىتابنامىسىنى قەتئىي يولغا قويايلى

ـــ ««ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسى

2014.10.31 08:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىتابنامىسى.

  بۇ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش چاقىرىقنامىسى.

  2014-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى. يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ««ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» بىردەك ماقۇللاندى.

  بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراشلار، 180دىن ئارتۇق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ـــ ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارى «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش» ھۆكۈمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ «ئىككى 100يىل» كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە قويۇق دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى.

  ئەۋلادلارنى، يىراق كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك

  ـــ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 4-ئومۇمىي يىغىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو يېقىنقى 100 يىللىق ئار-نومۇسنى باشتىن كەچۈردى، يېڭى جۇڭگو 65 يىل جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تارىخىي باسقۇچىقا كىردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر