باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئەيىبلىدى

2014.10.20 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتىلىقىنىڭ 17-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: چاۋشيەن كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىتىنىڭ باياناتچىسى سۆھبەت بايان قىلىپ، چاۋشيەن ئېلان قىلغان ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى دوكلاتىدا چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دېدى. ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە تۈزگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەتكۈزۈلگەن چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى .

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چاۋشيەننىڭ دۈشمەنلىرى چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ئېلان قىلغان چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قەستەن خۇنۇكلەشتۈردى. چاۋشيەنگە قارشى بۇ كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى چاۋشيەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ دۆلەت ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ جەمئىيەت تۈزۈمىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر