باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ سۆزى بىردەك ئەمەس(1)

2014.10.20 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىر ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھەرىكەت قوللىنىشتا تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي بازىلاردىن پايدىلىنىشقا يول قويدى، دېگەن خەۋىرى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.

  ھالبۇكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 12-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە ئارمىيە قىسمىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا ھەرىكەت قوللانغاندا، تۈركىيەنىڭ ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىشكە، جۈملىدىن سۇرىيە دائىرىسىگە 100 ئىنگلىز مىلىمۇ كەلمەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئاسلىھەلەردىن پايدىلىنىشىغا يول قويدى.

  ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ سۆزى بىردەك بولمىدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن ھەيران قالدى. ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  7-ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى كېبانى رايونىغا 20 نەچچە قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

  10-ئۆكتەبىر ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى داۋاملاشتى. ھالبۇكى يەر يۈزى قىسمىنىڭ ماسلىشىشى بولمىغانلىقتىن ھاۋا ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئەسەبىي تەشكىلات خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش تەسكە چۈشتى.

  10-ئۆكتەبىر سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى كېبانىنىڭ %40 زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا 10-ئۆكتەبىر: كېبانى قورشىۋېلىندى، تۈركىيە چېگراسىغا تۇتۇشىدىغان بىر تار يوللا قالدى، دېدى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشتى، تۈركىيەنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە ئىجابىي ھەرىكەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئەمما تۈركىيە ئىزچىل ئىپادە بىلدۈرمىدى. شۇڭا ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم ئاغزاكى ئويۇن كۆرسەتتى.

  تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى. بۇ تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى زەربە بېرىشتە كۆزىتىش پوزىتىسىيەسى تۇتقانلىقى بىلەن بىردەك. تۈركىيە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقىغا كىرىشتە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىشىپ، باشتىن-ئاخىر ئارىسالدى بولۇپ كەلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر