باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئابې شىنزونىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى

2014.10.20 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  364 دەۋاگەر تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن توكيو يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت سۇنۇپ، باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ ئۆتكەن يىلى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تىنچ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى، سوت مەھكىمىسىدىن ئابې شىنزونى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇشنى ھەمدە دەۋاگەرلەرگە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  شۇ كۈنى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسى كۈزلۈك نەزىر چىراغ كۈنىنى كۈتۈۋالدى، ئابې شىنزو كابېنت باش مىنىستىر نامى بىلەن ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر چىراغ بۇيۇملىرى سوۋغا قىلدى.

  دەۋاگەرلەر شىكايەتنامىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابې شىنزو كۆپ قېتىم سۆز قىلىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ھىمايە قىلدى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى. ئۇنىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پەردازلاش قورالى قىلىش غەرىزى ئېنىق، بۇ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن سىياسەت بىلەن دىننى ئايرىش پىرىنسىپىغا خىلاپ، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ئاممىنىڭ تىنچ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلغانلىق.

  دەۋاگەرلەر ئۆمىكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئابې شىنزونىڭ تاۋاپ قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، دەۋاگەرلەرنىڭ كۆپ خىل ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

  بۇ 21-ئاپرېل 273 دەۋاگەر توكيودا ئابې شىنزو ئۈستىدىن شىكايەت قىلغاندىن كېيىن ئاممىنىڭ ئابې شىنزونىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەرز قىلغان يەنە بىر دېلو. بۇ قېتىمقى 364 دەۋاگەر جۇڭگو، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 280دىن ئارتۇق چەتئەللىك ئەربابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دەۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكات ئۆمىكى مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن دەۋاگەرلەرنىڭ قاتنىشىشى ئابې شىنزونىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان خەلقئارا تەسىرىنىڭ چوڭلىقىنى ھەمدە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقىنىڭ دوستلۇقنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر