باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن دەرياسىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2014.10.20 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەۋقە مىڭ يىللىق سۇ خەۋپىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان يەكەن دەرياسى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 16-ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئارسلانباغ يېزىسى پاتامقاش كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلۇشقا 14 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئەسلىدىكى ئاساستا سۇ ئامبىرى بىلەن توغان بىرلەشتۈرۈلۈپ، يەكەن دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا توغان ۋە يۇقىرى ئېقىندا سۇ ئامبىرى ياسىلىپ، خەتەرلىك 400 كىلومېتىرغا يېقىن بۆلەك تىزگىنلىنىپ، 50 يىلدا بىر كېلىدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  قارا قۇرۇم تېغىدىن باشلىنىدىغان يەكەن دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى، بۇ دەريا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ، مەملىكەت بويىچە 4-چوڭ سۇغىرىش رايونى، لېكىن كەلكۈن كۆپ يۈز بېرىش دەرىجىسى ۋە كەلكۈن ئاپىتى زىيىنى دەرىجىسىمۇ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دەريالار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىڭ يىلدىن بۇيان، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت سېلىپ كەلدى. ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە دەريا ۋادىسىدىكى ٪90تىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشكە قارىتىلىدۇ. مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىر پۈتۈن ۋادىدا ھەر يىلى دەريا كەلكۈنىدە پەيدا بولغان تاشيول قاتنىشى، ئېتىز-ئېرىق، ئۆي زىيىنى 58 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىل قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش داۋامىدا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەر سۇغىرىش رايونىدىكى ئاممىنى ئەڭ زور چەكتە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى تەمىنلەيدىكەن. يەكەن ناھىيەلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، ھەر يىلى 4 ئاي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئەمگەك كۈچى ھەر يىلىدىكى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە كىرىمىنى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشۇرالايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا پۈتۈن ناھىيەدىكى سۇغىرىش رايوندىكى 6 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ ئائىلىسىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، كىرىمگە ئىگە بولىدۇ.

  قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دەريا بويىدىكى دېھقان چارۋىچىلارغا ئىلھام بولدى، ئەتىگەندىلا چوڭ كىچىك، قېرى ياش ھەممەيلەن قۇرۇلۇش باشلاش نەق مەيدانىغا كەلدى. كەنت ئاھالىسى مەخسۇت ئەخمەت مۇنداق دېدى: ئەۋلادىمۇ ئەۋلاد ئۈمىد قىلغان ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. مەن خوشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.

  پاتامقاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇقادىر قۇۋنىياز مۇنداق دېدى: توغان پۈتكەندىن كېيىن كەلكۈندىن غەم قىلمايمىز، يۇرتداشلار پۈتۈن زېھنىنى تۇرمۇشقا قاراتسا بولىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر