خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:16-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، «مەن شىنجاڭدىن كەلگەن» ناملىق يېڭى كىتابنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ بەردى. بۇ يىل «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز»دا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن شىنجاڭلىق ناخشىچى پەرھات «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! مەن پەرھات، مەن شىنجاڭدىن كەلگەن» دەپلا «تارىم ناخشىسى» بىلەن كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.
بۇ كىتابنىڭ يازغۇچىسى قۇربانجان يېقىنقى بىر يىلدا، جۇڭگودا نەچچە تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈپ، زىيارەت قىلىپ 500 دىن ئارتۇق ئادەمنى سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، قارىماققا تاماملىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپىنى تاماملىدى. ئۇ 100 نەچچە شىنجاڭدىن كەلگەن ئادەتتىكى ئادەملەرنى زىيارەت قىلدى ۋە سۈرەتكە تارتتى، ئۇلار ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولۇپ، يېشى، جىنسى، ئېتىقادى ئوخشىمايدۇ، ھەرساھە، ھەركەسىپتە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار بەلكىم ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق ئادەم بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سىزگە ھەقىقىي بىر شىنجاڭنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن،
قۇربانجان مۇنداق دەيدۇ، «مەن شىنجاڭدىن كەلگەن» ناملىق كىتابتا ئاز سانلىق، ئايرىم ئوراز يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ 100 نەچچە ئادەمنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنى يېڭىدىن تونۇشىنى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرۇسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىلۇق قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۈلگە كۈچىنىڭ بارلىق ياشلارغا، بولۇپمۇ شىنجاڭلىق ياش بىر ئەۋلادلارغا ئىلھام بولۇپ، ئاغرىنمايدىغان، بوشاڭلىق قىلمايدىغان، ئاشقۇقلۇق قىلمايدىغان بولۇشىنى، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتا، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشتا دادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى
مەنبە : خەلق تورى