باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى

2014.10.20 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن يەنى 1990-يىلدىن 1992-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، دۇنيادىكى ئۇزاق ۋاقىت ئوزۇقلىنىشى ناچار كىشىلەرنىڭ سانى 209 مىليون ئازايغان، ئۇلارنىڭ دۇنيا نوپۇسىدا ئىگەللەيدىغان نىسبىتى %18.7دىن %11.3كە تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ تۆھپىسى ئەڭ چوڭ ئىكەن، باشقا ھەر قانداق دۆلەتنى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. مۇشۇ ۋاقىتتا جۇڭگودىكى ئۇزاق ۋاقىت ئوزۇقلىنىشى ناچار كىشىلەرنىڭ سانى 138 مىليون ئازايغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى» ئىچىدە 1990-يىلدىن 2015-يىلغىچە دۇنيادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس سانىنىڭ يېرىمنى ئازايتىش قاتارلىق ئۈچ تارماق نىشان بار. ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ھېسابلىشىچە، جۇڭگو ئاچارچلىقتا قالغان نوپۇسنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغان.

  2004-يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو ئاشلىقتىن ئۇدا 10 يىل ھوسۇل ئالدى. ھازىر مەيلى ئاشلىق زاپىسى ياكى ئىستېمال يولىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇ جۇڭگوغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن پۈتكۈل خەلقئارا ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ مىسلىسىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۆزگىچە ئەندىزىسى خەلقئارا جەمئىيەتتە ياخشى خەۋەر قىلىنمىدى ياكى توغرا خەۋەر قىلىنمىدى.

  جۇڭگو ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش، ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش شۇنداقلا شەھەر بازارلىشىش ۋە ئاھالىلەرنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تىرىشچانلىقىنىمۇ كۆرۈش كېرەك.

  جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپ چىقرىش جەھەتتىكى ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپلا قالماي باشقا دۆلەتلەرگىمۇ پائال ياردەم بەردى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئالاھىدە ياردەم بەردى. زىمبابۇۋى ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت ئىدى، ئەمما ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچراپ، ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشى بىر مەھەل قىيىنچىلىقتا قالغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، زىمبابۇۋى جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ بۇرۇنقى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋاتىدۇ. مالاۋى ۋە نىگېرىيە جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە تېخنىكا ياردمىگە ئېرىشىپ، ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

  بىر قىسىم كىشىلەر «جۇڭگونىڭ ئاشلىق تەھدىتى» دېگەننى كۆپتۈرۈپ كەلدى. بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئويلاشساقلا بۇ خىل سەپسەتەنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز: جۇڭگو ئېشىنچە ئاشلىقنى خەلقئارا بازادا سېتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشىغا زەربە بەردىمۇ يوق؟ جۇڭگو چەتئەللەردە بولۇپمۇ ئافرىقىدا زېمىن ئىگەللىدىمۇ يوق؟ جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك پاتېنتتىغا ھۇجۇم قىلدىمۇ يوق؟ جۇڭگو كارخانىلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، مونۇپۇللۇق قىلدىمۇ يوق؟ ئەمەلىيەتتە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئېنىق، جۇڭگو ئۇنداق قىلمىدى، ئۇنداقتا ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ ئاشلىق تەھدىتى» دېگەن سۆزلەر قەيەردىن چىقتى؟

  ئۇزاقتىن قارىغاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە كۆپ خىل ئامىللار بار، بۇنىڭغا مۇكەممەل سىياسى ۋە قانۇن تۈزۈم رامكىسى لازىم، ئادەم كۈچى ۋە پۇل مۇئامىلە بايلىقى لازىم، ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمى لازىم، رىئاللىق ئاساسلىق قىلىنغان توغرا تەدبىر لازىم، ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ تەبىئىي ئاپەت، نوپۇس ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشچان مۇھىتتىكى ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاش لازىم. ھەر خىل نۇقتىدىن قارىغاندا، كىشىلەر جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ باغلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقى، بىرلىك كۆلەمنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پائال مەبلەغ سېلىشى، يېزا ئىگىلىك جەھەتتە ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشىشى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخىنىكىسى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئەستايىدىللىقى، ئاشلىق سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن باھادا چىڭ تۇرۇشى ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۇزاق مۇددەت كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر