- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۆمۈريول مىنىستىرلىقى تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ شۇگۇاڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2014.10.20 08:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 17-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تۆمۈريول مىنىستىرلىقى تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جاڭ شۇگۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاڭ شۇگۇاڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق شەخسىي مال-مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلىش كېسىمىنى چىقاردى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار جاڭ شۇگۇاڭ 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خەلق پۇلى ھېسابىدا 47 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھارام پۇل ۋە ھارام مۈلۈكنىڭ ھەممىسى مۇسادىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر