باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەر ساھەدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى پاش قىلدى ۋە شىكايەت قىلدى

2014.10.21 10:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى: 14 -ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئونسۇ ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى”زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش“ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ”زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى پاش قىلىش-تەنقىد قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار“ دېگەن تېمىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئونسۇ ناھىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىيي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەكىلى پاش قىلىش-شىكايەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. پاش قىلىش شىكايەت قىلىش پائالىيىتى داۋامىدا، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر زوراۋان تېررورچىلارنىڭ قارا نىيىتى، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارىشى رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنى مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئالدىدىن پىلانلاپ دۆلىتىمىزنى پارچىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان سۇيىقەست. شۇڭا بىز بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قەتئىي قارىشى تۇرۇپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر