باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گورۇپپىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا «يوللۇق» تۇتتى

2014.10.21 10:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، مەرھابا مىجىت خەۋرى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، «قىزىلسۇ گېزىتى» ئىدارىسىدىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى قورۇمدۇق كەنتىگە چۈشكەن خىززمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار يېقىندا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، ساقچى قاراۋۇلخانىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بۇ يىل كەنت تەۋەسىدىن ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تولۇق كۇرسقا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن، مەخسۇس كۇرسقا ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 500 يۈەندىن جەمىئى 26 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 17 مىڭ يۈەن «يوللۇق» تۇتتى

  «بۈگۈن خىزمەت گورۇپپسىدىكى كادىرلار ماڭا ئوقۇش پۇلى تارقاتتى، خىزمەت گورۇپپىسىدىكى كادىرلارغا كۆپ رەھمەت، مەن ئالىي بىلىم يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن ياخشى ئوقۇپ، يۇرتۇمغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن» دېدى ياردەمگە ئېرىشكەن ئارزۇگۈل ئەكبەر.

  «قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ‹قىزىلسۇ گېزىتى› ئىدارىسىدىن كەنتىمىزگە چۈشكەن ئالتە كادىر كەنتىمىزگە كەلگەندىن كېيىن كەنتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار 50 ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. كادىرلار ھەر ۋاقىت مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، مېيىپلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئېغىر بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندى» دېدى قورۇمدۇق كەنتىنىڭ سېكرىتارى تۇرسۇن توختىمەممەت.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر