باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا 260 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتتى، 1466 ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىدى

2014.10.20 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، 2015-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش باشلانغىلى بەش كۈن بولدى. جۇڭگۇڭ مائارىپ تورىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8گە قەدەر، 262 مىڭ 248 ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 29 مىڭ 29 ئاشقان.

  بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكى 310 ئادەم، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش ۋاقىتتىكى 330 مىڭ ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، پەرق خېلىلا چوڭ ئىكەن. ئوتتۇرىچە رىقابەت نىسبىتى 11.79:1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكى 16.2:1 ۋە ئالدىنقى يىلى ئوخشاش ۋاقىتتىكى 15.8:1 لىك رىقابەت نىسبىتىگە يەتمىگەن. 1466 ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولۇپ، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %10.9 نى ئىگىلىگەن.

  19-چېسلا سائەت 8گە قەدەر، ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئورۇن شەندۇڭ دۆلەت باج ئىدارىسى بولۇپ، 9490 ئادەم تىزىملاتقان، رىقابەت نىسبىتى 16.9:1 بولغان. رىقابەت نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئورۇن ئىچكى موڭغۇل زاپاس ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش ئىدارىسى بولۇپ، رىقابەت نىسبىتى 314.5:1 گە يەتكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر