باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشتا يېڭى سەھىپە ئاچايلى

‐‐ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بايانلىرى

2014.10.20 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا دۇنيانىڭ نەزىرى بېيجىڭغا چۈشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تۇنجى قېتىم تارىخ سەھنىسىگە چىقتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستىراتىگىيەلىك قارارىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى قوللىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سېستىمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

  ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيىتى يەكۈنلىنىدۇ، شۇنداقلا «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلىدۇ.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ‐‐ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دەۋر تېمىسى

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»

  قانۇن ئىدارە قىلىش ‐‐ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى جاپالىق ئىزدىنىش.

  قانۇن ئىدارە قىلىش ‐‐ دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر يولى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر