باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ پوسكام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.10.20 09:47   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ پوسكام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى(1)

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ پوسكام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتى مۇنبىرى 18-ئۆكتەبىر پوسكام ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ پوسكام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتى مۇنبىرى پوسكام ناھىيەسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قېزىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتىنى نەزەرىيە جەھەتتىن قوللاش، ئارام ساياھىتى ۋە ئاستا تۇرمۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەدەنىيىتى ھەمدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن

  پوسكام ناھىيەسى مەملىكىتىمىز بويىچە داڭلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يۇرتى. 2008-يىللىق مەملىكەتلىك 4-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇمىي تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، پوسكام ناھىيەسىدە 80 ياشتىن ئاشقان پېشقەدەملەرنىڭ سانى 1208 بولۇپ، ناھىيە نوپۇسىنىڭ % 0.62 نى ئىگىلىگەن، 100 ياشلىق كىشى 16 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 ياشلىق كىشىلەرنىڭ % 20 نى ئىگىلىگەن. بۇ 16 نەپەر كىشىنىڭ ئىچىدە پوسكام يېزا 7-كەنت 3-گۇرۇپپىدىكى سادىق ساۋۇت بۇ يىل 123 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 100 ياشقا كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ئۇ يەنە مەملىكەت بويىچە 1-، 2-نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى 10 چوڭ ئۆمۈر چولپىنى››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ھازىر ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز