باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 10-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2014.10.17 16:05   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ 10-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 16-چېسلا چۈشتىن كېيىن مىلاندا 10-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يېتەكلەش خاراكتېرلىك سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات پۇرسىتى ئەڭ كۆپ، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق. ياۋرو-ئاسىيا يىغىنى ئېچىلغان 18 يىلدىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي سۆھبەت ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەمكارلىق كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىپ، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەنمەكتە. جۇڭگو ياۋرو-ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ياۋرو-ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن يېڭىچە ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  ۋۇ لېچۈن، شى كېدۇڭ، خەن بىڭچېن خەۋرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز