باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھوقۇقنى قەپەزگە قاماپ قويايلى

2014.10.20 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا قانۇن بويىچە مەمۇرىي يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىزىگە قاماپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىقنى جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى.

  چېگرانى ئېنىق ئايرىپ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش

  قانۇندا ھوقۇق بولمىسا بولمايدۇ، بۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشتا ھۆكۈمەت ۋە بازار ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق چېگراسىنى بەلگىلەش شۈبھىسىزكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بىر مەيدان «ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشى»دۇر

  بۇ يىل 6- ۋە 8-ئايدا گوۋۇيۈەن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 58 تۈرلۈك گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەتنى بىكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يىل 9-ئايغىچە، بىكار قىلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن مەمۇرىي تەستىق سانى 600 دىن ئاشتى. لېكىن، بۇ پەقەت بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى «ئەسلىدىكى تەستىق تۈرىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى قىسقارتىش» ئىسلاھات نىشانىنىڭ بىر قىسىمى خالاس.

  2013-يىلدىن بۇيان، «ھوقۇقنى ئېنىقلاش، ھوقۇقنى ئازايتىش، ھوقۇقنى تىزگىنلەش» يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «ئورۇقلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇش»، ھوقۇق چېگراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش نىشانىغا ئايلاندى. بۇ يىل 3-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنىڭ «تۆۋەن سانىنى» بېكىتىپ، تىزىملىكتىكىدىن باشقا تەستىقلارنى چىقىرىۋەتتى. تىزىملىكنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئاساسنى دەلىللىدى، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ھەرقايسىسى ئۆز فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

  ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە قاماش قانۇن ئىجرا قىلىش ئاساسى ۋە ئۇچۇرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ ئىككى ئەڭگۈشتەر بولغاندىلا ئامما ھەرقانداق ئىشتا قانۇنلۇق بولۇش-بولماسلىققا» قارايدۇ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ. جاڭ سۇڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر