باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باغراش كۆلىگە 2014-يىللىق بېلىق كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش باشلىنىپ، 5 مىڭ ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىق «ئائىلىسىگە قايىتتى»

2014.10.21 10:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابلىز خەۋىرى: ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىق باغراش كۆلىنىڭ يەرلىك بېلىق تۈرى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى باغراش كۆلىدە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ، 1988-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ «مەملىكەتلىك نوقتىلىق قوغدىلىش ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن ۋە «1-دەرىجىلىك قوغدىلىش» بېكىتىلگەن. ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىقنىڭ تۇخۇملاش ۋاقتى قىسقا بولغانلىقتىن، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەركەزلەشكەن. بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن 5 مىڭ ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىق ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشىشىنىڭ نەتىجىسىدىكى ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىقنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد بېلىجانلىرى، بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىقنىڭ كۆلەملەشكەن سۈنئىي ئۇسۇلدىكى كۈپەيتىلىشى، شۇنداقلا ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بېلىقنىڭ قوغدىلىشىدىكى نامايەندە، ئۇنىڭ باغراش كۈلى بېلىق تۈرلىرىنى قوغداشتا زور ئەھمىيىتى بار.

  بۇ قېتىملىق چوڭ كۈلەمدىكى كۆپەيتىپ قۇيۇپ بېرىش باغراش كۆلىنىڭ سۇ جانلىقلىرى بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىگىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر