خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن راخمان، توختى قۇربانلار خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پوسكام ناھىيەسى تەشكىللىگەن لېكسىيە ئۆمەكلىرى يېزا-كەنتلەردە مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە كەڭ كۆلەمدە لېسكىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن-تۈزۈم ئېڭى ۋە ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئىدىيىۋى ئاساس سالدى.
10-ئاينىڭ 17-كۈنى ، ئىككىسۇ يېزىسىدا سەييارە لېكسىيە ئۆمىكىدىكى خادىملار ئىككىسۇ يېزىسىنىڭ لەنگەر كەنتىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئىناق يۇرت-ماكان قۇرۇشقا يىتەكلىدى .
ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسىدە ناھىيە ۋە يېزا-بازار، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىدارە-ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە كەنت-مەھەللە بولۇپ 40 تىن ئارتۇق ئورۇندا 200 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان سەييارە قانۇن-تۇزۇم تەشۋىقات گۇرپپىسى قۇرۇلۇپ، 10-ئاينىڭ 17-كۇنىگىچە ئاممىغا كەڭ كولەمدە قانۇن-تۇزۇم تەشۋىقاتى بويىچە سەييارە لېكسىيە سوزلەش پالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقاتچى خادىملار ئاممىغا پارتىيەنىڭ نەپ يەتكۈزۈش، ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەينى ئەھۋالى ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيتى، قانۇنلۇق دىنى پائالىيەتلەر بىلەن قانۇنسىز دىنى ھەرىكەتلەرنىڭ چەك-چېگراسى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى چەكلەش، ئۈچ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا ئائىت مەزمۇنلاردا 400 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىغىۋاغا ئىشەنمەي ، ئىغىۋا تارقاتماي، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا مىللەت بۆلگۈنچىلىرى ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىشى تۇرۇپ، ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداپ، "ۋەتەننى سۆيۈش ، قانۇنغا رېئايە قىلىش، زوراۋانلىققا قارىشى تۇرۇش" ئۆلگىلىرىدىن بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلغان.
سۇرەتتە: كۇيباغ يېزىسىدىكى ياشلار، ياشانغانلار قانۇن–تۇزۇم تەشۋىقاتىدىن لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى