باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى بېسىپ تارقىتىلدى

2014.10.21 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا تەنتەربىيە كەسپىنى تىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرىنى بېسىپ تارقاتتى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىكىرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،تەنتەربىيە ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش تەلىپىنى تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى نىشانى قىلىش لازىم. تەنتەربىيە مۇلازىمەت كەسپىنى نۇقتا قىلىپ، تارماقلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان تەنتەربىيە مەيدان سارايلىرى، مۇسابىقە پائالىيەتلىرى، مۇسابىقىنى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھوقۇقى قاتارلىق يادرولۇق بايلىقلارنى ئېچىش،يۈرۈشلەشتۈرۈشكە قارىتا، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرىكتۈرۈش، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىنى ئايرىش، مەمۇرىيەت بىلەن جەمئىيەتنى ئايرىش ئارقىلىق، كارخانىلارنى ئەڭ زور چەكتە بوشىتىپ،جەمئىيەت مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تەنتەربىيە ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىل تەنتەربىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر