باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن تېخنىكا پىلانى مەخسۇس تۈرىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھىسى تەستىقلاندى

2014.10.21 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تۈزگەن مەركەز مالىيىسىنىڭ پەن تېخنىكا پىلانى مەخسۇس تۈرى،فوندىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھىسى تەستىقلاندى؛ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت كونكرېت تۈرلەرنى يەنە بىۋاسىتە باشقۇرمايدۇ، بەلكى ئاشكارا بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ پەن تېخنىكىنى باشقۇرۇش سەھنىسى ئارقىلىق ماكرو جەھەتتىن بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

  1.ھۆكۈمەتنىڭ پەن تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىدە بۇرۇلۇش ياساش. ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى كونكرېت تۈرلەرنى يەنە بىۋاسىتە باشقۇرمايدۇ.

  2.مۇھىم نۇقتىنى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىسىگە قارىتىش. دۇنيا پەن تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سەۋىيىسى، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجى، خەلق ئىگىلىك ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش ئارقىلىق ، پەن تېخنىكا پىلانى مەخسۇس تۈرى، فوندى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى بېكىتىلىدۇ.

  3.پەن تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  4.ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. ھۆكۈمەت بازار بايلىقنى ئۈنۈملۈك تەقسىملىيەلمەيدىغان ئاممىۋى پەن تېخنىكا پائالىيەتلىرىگە مەدەت بېرىپ، نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە يېتەكچىلىك ئاساس قىلىنغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.

  5. ئاشكارا ئېنىق بولۇش ۋە جەمئىيەت نازارەتچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش.پەن تېخنىكا پىلانى مەخسۇس تۈرى ، فوندىنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىقىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولۇش كەيپىياتى يارىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر