باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە(1)

2014.10.20 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1692-يىلى گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ لېيبىنىز جۇڭگولۇق بىر دوستىغا يازغان خېتىدە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ: يىراقتىكى ئىككى مىللەت ئارىىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان يېڭىچە بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلسا، ھەرقايسىىمىز ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئەقىل چىرىقىنى تەڭ يورۇتساق دېگەن ئىدى.

  ئەينى چاغدا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېڭى بىر مەيدان جۇڭگو قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە سەنئەت شەكلى ياۋروپا جەمئىيىتىدە ئالقىشلىنىپ، ۋولتېر، لېيبنىز، كۇسناي قاتارلىق ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار جۇڭگونىڭ پەلسەپەسىدىن ئىدىيەۋىي ئىلھام ئالغان ئىدى.

  9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ باش مىنىستىر لى كېچياڭ گېرمانىيە، رۇسىيە، ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا باشلىدى ھەمدە ئىتالىيەنىڭ مىلەندا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك يېقىن بولدى، يۇقۇرى قاتلاملارنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى كۆپەيدى.

  لېيبىنىز ئۆز ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ 300 نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا يەنە بىر قېتىم مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بۇ قېتىم تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، 60 نەچچە ساھەدە سۆزلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورناتتى، 2013-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 559 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئىككى تەرەپتىن ھەر يىلى بېرىپ كېلىدىغانلار 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئورتاق تونۇشقا كەلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشنىش، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا كۈچ چىقارغاندىن باشقا يەنە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر تۈۋرۈك قىلدى.

  نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشى مېخانىزمىدا ئىجابىي ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلدى، ئىككى تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىدىيە ساھەسىدە چوڭقۇر سۆزلەشتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئۇدا تۆت نۆۋەت جۇڭگو ياۋروپا مەدەنىيىتى باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزملىشىش يولىغا كىرىپ، يۇقۇرى قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىق يېڭى قېلىپى شەكىللەندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەدەنىيەت يىلى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزدى ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، مالتا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەسىس قىلىنغان جۇڭگو مەدەنيەت مەركىزى بىلەن جۇڭگودىكى فىرانسىيە مەدەنىيەت مەركىزى گېرمانىيە گيوتى ئىنىستىتوتى، ئىسپانىيە سېرۋانتىس ئىنىستىتوتى قاتارلىقلار جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئەل رايى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدىغان مۇقىم تۈرتكۈلۈك كۈچكە ئايلاندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر