باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ:جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

2014.10.21 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 20-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو بىلەن ھىندىستان سەمىمىي ۋە ئىجابىي كېڭىشىش ئارقىلىق، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كۆپلىگەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ سەمىمىي ۋە ئىجابىي كېڭىشىش ئارقىلىق، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كۆپلىگەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.ئىككى ئارمىيىنىڭ باش شتابلىرى ، قوشنا ھەربىي رايونلار ۋە چېگرا موداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش؛ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىدا چېگرا موداپىئە ئۇچرىشىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش؛ ئىككى ئارمىيە باش شتابلىرى ئارىسىدا قىزىق نۇقتىلىق تېلېفون ئورنىتىش؛ ئىككى تەرەپ لىنىيىسىدىكى چېگرا موداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا تېلېگراف ئالاقىسى ئورنىتىشقا قوشۇلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە پائال راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق چېگراغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ياخشى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر