باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى نامراتلارنى يۆلەش كۈنىدە نۇرغۇن ئىئانە تاپشۇرۇۋالدى

2014.10.20 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-ئۆكتەبىر-جۇڭگونىڭ تۇنجى نامراتلارنى يۆلەش كۈنى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش فوندى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىن كەلگەن 20 مىليون يۈەنلىك ئىئانە پۇلنى تاپشۇرۇۋالدى ھەم شىزاڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇش تۈرى، گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۇەن ۋىلايىتى ئېكولوگىيەدە كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش تۈرى، گۈيجۇ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيەسىنىڭ ئىچىملىك سۇ تۈرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۆت ۋەكىللىك نامراتلارنى ياردەم بېرىش تۈرىنى ئىمزالىدى.

  پائالىيەتتە، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەنشى روڭمىن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شى گۈيلۇ «بىز جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاتلىنايلى» دېگەن تەشەببۇسنامىنى ئوقۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ساھەدىكى ئەربابلارنى جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۇلۇغ ئىشىغا ئاكتىپ ئاتلىنىشقا چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر