باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېبۇلا يۇقۇمىدا ھايات قالغۇچىلارنىڭ بەختلىكى ۋە بەختسىزلىكى(1)

2014.10.20 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېررالېئون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئېبۇلا ۋىرۇسىدا ھايات قالغۇچىلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش يىغىنى 16-ئۆكتەبىر سېررالېئوننىڭ شەرقىدىكى كىنىما ئۆلكىسىدە ئېچىلدى. سېررالىئوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان35 كىشى تاراتقۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ھايات قىلىش سەرگۈزۈشتىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سېررالېئونلۇق جامىس گىبى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام كېسەل بولۇپ 2-كۈنى مەنمۇ قېزىشقا باشلىدىم، بىر ئاز ئاسپىرىن يىگەن بولساممۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، نەچچە كۈنگە قالماي ئۆيىمىزگە بىر سېستىرا كېلىپ مېنى ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن، دېدى. بىر جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى مېنى كىلاخۇن رايونىدىكى بىر شىپاخانىغا ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن ئىككى ئايدىن كېيىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم.

  ئەمما گىبى ئويلىمىغان ئىش بولسا، ئۇنىڭ قولىدا سېررالېئون ھۆكۈمىتى تارتقان ئېبۇلا يۇقۇمىغا قارشى ئىممۇنىتېت كېنىشكى بولسىمۇ، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە قوشنىلىرىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراشتەك غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. ئۇ ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: تونۇش قوشنىلىرىم مېنى كۆرسىلا ئىشىكىنى تاقىۋالىدۇ، كۈچۈگۈم خۇشنىلارنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ قالسا ئۇلار بۇنىڭ ئىگىسى ئىبۇلا بىلەن يۇقۇملانغان دەپ تاش ئېتىپ ئۇنى قوغلايدۇ. كەنتتكىلەر ئاممىۋى قودۇقتىن سۇ ئېلىشىمنى چەكلىدى، ھازىر مەن ھۆكۈمەت ۋە ساخاۋەت ئورۇنلىرى تارقاتقان يىمەكلىكلەر بىلەن جېنىمنى بىقىۋاتىمەن.

  يەنە بىر ھايات قالغۇچى مومومۇ ئوخشاش ھېسىياتتا ئىدى. ئۇ ئىلگىرى شۇپۇر بولۇپ، ئىبۇلا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى توشۇش جەريانىدا يۇقۇملىنىپ قالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىلگىركى ماخاۋ كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىمىز، مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە چوڭ بولغان مەھەللىمۇ مېنى چەتكە قاقتى. بۇ كىشىلەر ئىلگىرى مېنىڭ دوستۇم ئىدى، بىرلىكتە پالما ھارىقى ئېچەتتۇق، ھازىر يىراقلىشىپ كەتتۇق.

  مومو مۇنداق دەيدۇ: مەن كەنتتىكىلەرگە ھۆكۈمەت تارقاتقان ئىبۇلا ئىممۇنېتىت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ساقىيىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئېبۇلا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇلار باشلىرىنى چايقاشتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۈگۈنكى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ھەقىقەتەن ناھايىتى زۆرۈر ئىدى، بۇ كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.

  ئىستا يىرا ساقىيىپ يۈرتىغا بارغاندىن كېيىن بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا تەليى ئوڭدىن كەلدى. يىرا مۇنداق دەيدۇ: كەنتتىكىلەر مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قارشى ئالدى، مېنى كەمستىمىدى. مەن ناھايىتى تەلەيلىككەنمەن، بۇمۇ ماڭا غەيرەت ئاتا قىلدى، يولدىشىم ئېبۇلا يۇقۇمى بىلەن قازا قىلغانىدى. مەن تۆت بالامنى قاتارغا قوشوشنى ئۈمىد قىلىمەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر