باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېلو ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن دېلو توردا ئېلان قىلىندى

2014.10.20 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمەت بەلگىلىمىسى» 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 16-ئۆكتەبىرگىچە بولغان يېرىم ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تور ئارقىلىق 200 مىڭغا يېقىن دېلو ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پۇقرالارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، بەلگىلىمىدە «سەلبىي تىزىملىك» تۇرغۇزۇلۇپ، دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى، شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىغا ئالاقىدار دېلو ئۇچۇرلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىكەن؛ ئاشكارىلانغان قانۇنىي ھۆججەتلەردە زىيانلانغۇچى، گۇۋاھچى، بېكىتكۈچىلەر ئىمزاسىز بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تورى ئىچكى جايلاردىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئېچىلىپ بولدى؛ بۇندىن باشقا، مەملىكەت بويىچە يەنە 27 ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ۋە 1600 دىن ئارتۇق ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ھەم ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرىدە ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگى ئېچىلدى، 400 دىن ئارتۇق تەپتىش مەھكىمىسى ھۆكۈمەت ئۈندىدارى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر