باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تېزىمغا ئالدۇرغانلار 190مىڭدىن ئاشتى

2014.10.20 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 18-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8گىچە، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تېزىمغا ئالدۇرغانلار 190مىڭدىن ئاشقان، بۇنى ئۆتكەن يىلى ۋە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى 220مىڭدىن ئېشىپ كېتىشكە سېلىشتۇرغاندا 30مىڭ كىشى ئازايغان، 8.6 ئادەم بىر ئورۇننى تالىشىدىكەن، ئۆتكەن يىلى 12 ئادەم بىر ئورۇننى، ئالدىنقى يىلى 11ئادەم بىر ئورۇننى تالاشقان.

  ھازىر رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان خىزمەت ئورنى بولسا دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مەركىزى سېتىۋېلىش 3-باشقارمىسى، بۇ ئورۇنغا ئىككى ئادەم قۇبول قىلىنىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغان كىشى 1515 بولۇپ، 757 ئادەم بىر ئورۇننى تالىشىدۇ . ئەمما ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىرغىچە تېزىمغا ئالدۇرۇش قىزغىنلىقى ئالدىنقى يىللارغا يەتمەيدىكەن.

  490 ئادەم قوبۇل قىلىدىغان تارماق ئىچىدە باج سىستېمىسىغا تېزىمغا ئالدۇرۇش قىزغىنلىقى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. 18-ئۆكتەبىر سائەت 8گىچە تىزىمغا ئالدۇرغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان 10 تارماق ئىچىدە باج سىستېمىسى %80 ئوروننى ئىگىلىگەن، قالغان ئىككى تارماق شاڭخەي تامۇژنىسى بىلەن شاڭخەي چېگرىدىن كىرىپ چىقىشنى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ئىدارىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر