باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىقنىڭ %35 ى ئېسراپ بولۇپ كېتىدۇ

2014.10.20 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگودا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىقنىڭ %35 ى ئېسراپ بولۇپ كېتىدىكەن، تاماق ئۈستىلىدىن باشقا ئىسراپچىلىق 70مىليارد جىڭدىن ئاشىدىكەن.

  دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ زېدەن يېقىندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىستىمال قىلىش قاتارلىق ھالقىلىرىدا غايەت زور ئىسراپچىلىق مەۋجۈت. ھەر يىلى ئاشلىقنى ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىلىرىدا كىلىپ چىقىدىغان ئىسراپچىلىق 70مىليارد جىڭغا يېتىدۇ. ئىستىمال ھالقىسىدىكى ئىسراپچىلىق كىشىنى چۆچۈتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسسلەرنىڭ مۆلچەرىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى تاماق ئۈستىلىدە ئىسراپ بولىدىغان يېمەكلىك 200مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن، بۇ ئىككى مىليوندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ بىر يىللىق ئاشلىقىغا باراۋەركەن.

  ئاشلىق ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش- جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى بىر چوڭ خىرس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو، چاۋشىيەن، موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مىشكا يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا يۇقارقىلارنى بىلدۈردى.

  ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ھازىر دۇنيا بويىچە 800مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىىكنىڭ دەردىنى تارتىۋېتىپتۇ، يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۈچتىن بىر قىسمى زىيانغا ئۇچرايدىكەن ياكى ئېسراپ بولىدىكەن. ھەر يىلى تەخمىنەن بەش ياشتىن تۆۋەن بەش مىليون بالا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەل بىلەن قازا قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر