- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران چېگرا قىسىمى چېگراغا يېقىن جايدا پاكىستانلىق ئەسكەرلەرنى ئېتىپ تاشلىدى
2014.10.20 08:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىران چېگرا موداپىئە قىسىمى يېقىندا ئىران بىلەن پاكىستان چېگراسىغا يېقىن بولغان پاكىستان تەۋەسىدە پاكىستان چېگرا موداپىئە قىسمىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، پاكىستانلىق بىر ئەسكەرنىڭ قازا قىلىشنى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
پاكىستان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە: ئىران چېگرا موداپىئە قىسىمى يېقىندىن بۇيان، پاكىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى كۆپەيتكەن، بۇ قېتىم پاكىستان چېگرا موداپىئە قىسىمىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراش جەريانىدا ۋەيران بولغان ھەمدە كىشىلەرنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇندىن باشقا يەنە بىر ۋەقەدە، ئىران چېگرا موداپىئە قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى پاكىستان زېمىنىدىكى كەنتلەرگە كىرگەن ھەمدە شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرىنى بىر قانچە سائەت تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئازابلىغاندىن كىيىن چېقىپ كەتكەن.
ئىران تەرەپنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىمدىكى شىستان بىلوجىستان ئۆلكىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ بىر ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى پاكىستاندىكى تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىران كۆپ قېتىم پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ھەرىكەت قوللىنىپ، تېررورچىلارنىڭ ئىرانغا سىڭىپ كېرىشنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر