باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرى مېيىپلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قاتنىشىقا تۇرتكە بولدى

2014.10.20 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى 18-ئۆكتەبىر ئاسىيا بىلەن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مېيىپلار ئىشلىرى ئورگانلىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئىتالىيەنىڭ مىراندا مېيىپلار مەسىلىسى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مېيىپلار ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلدى.

  جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىيا يوڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل يەر شارىدا 1 مىليارد مېيىپ بار، ئاسىيادا 650 مىليون مېيىپ بار. ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش، ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە سەپلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مېيىپلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مېيىپلار خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بېكىتىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر