باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك جۇڭيى، غەرب تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنى باشلاندى

2014.10.17 14:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز رەنا دانىيار خەۋىرى : 3–نۆۋەتلىك جۇڭيى ، غەرب تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 16-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 8:30 دا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى .

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولياڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان جۇڭيى ، غەرب تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنىدا گېرمانىيە ، رۇسىيە ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 24 نەپەر مېدىتسىنا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ، ئالىم ۋە شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ جۇڭگو تېبابەت دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭدار ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن 7 نەپەر ئاكادېمىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپوزلۇق مۇتەخەسسىس ، ئاكادېمىكلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭيى ، غەرب تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان تەسىرى ، ھەمكارلىقى ۋە بىردەك تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر